مۇزىكىلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە ئېلىپ يۈرەلەيسىز

ئۇبۇنتۇدىكى مۇزىكا چالغۇ دېتالى بولغان Rhythmbox كوپ ئىقتىدارلىق بولۇپ، ئاڭلىماقچى بولغان مۇزىكىلارنى ئوڭايلا قاتارغا قوشۇپ قويۇشقا بولىدۇ. شۇنداقلا ئاۋاز ئوپتىك دىسكىسى(CD) ۋە ھەر خىل مۇزىكا قويغۇلار بىلەنمۇ ناھايىتى ياخشى ماسلىشىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق يەردە مۇزىكىلىرىڭىزنى ئاڭلىيالايسىز.